فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس رايونىدا باشلانغان «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتىدە، 845 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاي پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئېلىندى.

570119
فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئارمىيەسى دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 20-كۈنىگە قەدەم قويغان ۋاقىتقىچە، 516 نىشان 2223 توپ ئېتىشى بىلەن بىتچىت قىلىنغان. چېگرا لىنيەسىدە جەرابلۇس ۋە رائى رايونلىرىدا كۆزىتىش ھەمدە نىشانلارنى ئالدىن بايقاش خىزمەتلىرى ئىزچىل داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان نىشانلار ئۈچۈن تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ توختىماستىن نىشانلارنى بايقاش ۋە كۆزىتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم باراگىتاھ دەپمۇ ئاتىلىدىغان زەيتۇنلۇق رايونىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بىر مىنامىيوت نۇقتىسىنى ۋە بىر قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارغا قارىتىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر