ئەردوغان ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكىدىن ئاپتوموبىلى بىلەن ئۆتتى

قۇربان ھيېتىنى ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاپتوموبىلىنى ئۆزى ھەيدىگە ھالدا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكىدىن ئۆتتى.

569698
ئەردوغان ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكىدىن ئاپتوموبىلى بىلەن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلق، نورمال نومۇر تاختىسى قادالغان خۇسۇسىي ئاپتوموبىل بىلەن كۆۋرۈكتىن ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە رەپىقىسىگە مېھرى – مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتى. ئىككى قىتئەنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆزئارا تۇتاشتۇرغان ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى، 26 – ئاۋغۇست كۈنى دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان لىنتا كېسىش مۇراسىمى ئارقىلىق خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر