ھۇلۇسى ئاكار: «ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورچىمۇ قالماي يوقۇتۇلغانغا قەدەر كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ»

ھۇلۇسى ئاكار: ھېيتلىق تەبرىكنامىسىدە: «تۈركىيە ئارمىيەسى «ئۆلسەم شېھىت، قالسام غازى»دېگەن ئاڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ۋە بىز باغرىدىن چىققان مىللىتىمىزنىڭ بۇيرىقىدا، ھەر دائىم ۋەزىپە ئۈستىدە تۇرماقتا» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى.

569382
ھۇلۇسى ئاكار: «ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورچىمۇ قالماي يوقۇتۇلغانغا قەدەر كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار پۈتۈن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلدى.

ھۇلۇسى ئاكار ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورچىمۇ قالماي يوقۇتۇلغانغا قەدەر كاتتا غەيرەت ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ھۇلۇسى ئاكار ۋەتىنىمىزدە ھېيت – بايراملىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ئارميىەسىنىڭ قۇرۇغلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ساھەلىرىمىزدىن تارتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ، چېگرا ھالقىپ، كېچە - كۈندۈز دېمەستىن، خىزمەت ئۆتەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن تۈركىيە ئارمىيەسى باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ گۇناھسىز ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزمەستىن، ھەر تۈرلۈك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى  داۋالامشتۇرىۋاتقانلىقىنى، بارلىق تېررورچىلار ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇلۇسى ئاكار: «تۈركىيە ئارمىيەسى «ئۆلسەم شېھىت، قالسام غازى»دېگەن ئاڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ۋە بىز باغرىدىن چىققان مىللىتىمىزنىڭ بۇيرىقىدا، ھەر دائىم ۋەزىپە ئۈستىدە تۇرماقتا» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى. تۈركىيە ئەسكەرلىرى، ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى،  شېھت ۋە غازىلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى. «ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەم خۇشال – خوراملىق ئىچىدە، يەنە قانچىلىغان ھېيت، بايراملاغا سازاۋەر بولۇشۇڭلارنى تېلەيمەن» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر