ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى

ئاقتۈتۈن – ئىككىياقا تاغلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رايوندىمۇ ئۇچقۇچىسىز قوراللىق ئايروپىلان «بايراقتار» بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

569209
ھاككارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسى داغلىجا يېزىسىدا، ئۇرۇش ئايروپىنلانلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتى جەريانىدا، رايوندا بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە 5 نىشاننى بىت – چىت قىلىپ تاشلىدى.

ئاقتۈتۈن – ئىكىياقا تاغلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رايوندىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغان جىددىي ئىستىخباراتقا بىنائەن ئۇچقۇچىسىز قوراللىق ئايروپىلان «بايراقتار» بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى. ئۇچقۇچىسىز قوراللىق ئايروپىلان ۋەزىپىسىنى نەتىجىلىك تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىغا قايتىپ كەلدى.

ئالدىنقى كۈنىمۇ ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ناھىيەسى ئەتراپىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغان جىددىي ئىستىخباراتقا بىنائەن تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 تېررورچى، ئۇچقۇچىسىز قوراللىق ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 تېررورچى بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ جەمئىي 4 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر