قۇرتۇلمۇش: ئامېرىكا ئىككىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ئامېرىكىلىقلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى 79 مىليون نوپۇسلۇق تۈركىيەدىن ئىبارەت ئىككىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

566924
قۇرتۇلمۇش: ئامېرىكا ئىككىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ئاسىيا جەمئىيىتىدىكى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدا تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكىلىقلار فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىدە، يا 79 مىليون خەلقىمىزنى ياكى بۇ يەردىكى ساراڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىمۇ ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ناتو ئىچىدە ھەمكارلاشقان تۈركىيەنى، ياكى ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇپ كۆرۈنگەن، بەلكىم ئەتە يوق بولىدىغان كىچىككىنە تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تاللاشقا مەجبۇر. ئەقىل بىلەن ئىش قىلسا، شۈبھىسىزكى تۈركىيەنى تاللىشى ناھايىتى ئېنىق. پ ي د نىڭ بۇ رايوندا تۈركىيەگە زىيان سالىدىغان دەرىجىدە پ ك ك غا ئارقا سەپ تەمىناتى جەھەتتە ياردەم قىلىشىغا ۋە رايوندا تۈركىيەگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ناھايىتى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر