قۇرتۇلمۇش: دۇنيا تەرتىپى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى

ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش نىيۇ يوركتىكى ئاسىيا جەمئىيىتىدە، دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

566921
قۇرتۇلمۇش: دۇنيا تەرتىپى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش دۇنيا تەرتىپىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭغا، ئۇكرائىنا بىلەن سۈرىيەدىكى كىرىزىسلارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ دەسلەپتە «ئىچكى مەسىلە» سۈپىتىدە باشلانغانلىقىنى، ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپلا «ۋاكالەتلىك ئۇرۇش» قا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ دۇنيا تەرتىپىنىڭ سۈرىيەگە ئادىل ۋە مەسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىدىغان كۈچلۈك چارە-تەدبىرلەرنى تاپالمىغانلىقىنى، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ يېتەرلىك كۈچ چىقىرىالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى چېگرادىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، جەنۇبقا چېكىندۈرۈشنى، پ ي د نى بولسا، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر