تۈركىيە ئارمىيەسى: 157 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا ئەزا 157 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

565678
تۈركىيە ئارمىيەسى: 157 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدە داۋاملىشىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 157 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، چۇقۇرجا تاغلىق رايونىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئالدىن بېكىتىلگەن 4 نىشاننىڭ دەل ۋە تولۇق بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر