«فەتھۇللاھچىلارنى پۈتكۈل ئورگانلاردىن تازىلاپ بولدۇق، نۆۋەت پ ك ك...»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پۈتكۈل دۆلەت ئورگانلىرىدىن تازىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

565180
«فەتھۇللاھچىلارنى پۈتكۈل ئورگانلاردىن تازىلاپ بولدۇق، نۆۋەت پ ك ك...»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 15-ئىيۇلدىن كېيىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پۈتكۈل دۆلەت ئورگانلىرىدىن تازىلانغانلىقىنى، نۆۋەتنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكلاتى پ ك ك غا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم دىيارباكىردا شەرقىي ۋە شەرقىي ئانادولۇ رايونلىرىنىڭ جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تۈنۈگۈن كەچلىك تاماقنى بىرگە يېدى.

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە مىللەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتىنى بارلىق ئورگانلاردىن قانداق تازىلىغان بولساق، شۇنداقلا بارلىق شىركەتلىرىنى، تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرىنى، سەھىيە ئورۇنلىرىنى، جەمئىيەتلىرىنى، ۋەقپىلىرىنى، ئۇيۇشمىلىرىنى تاقىۋەتكەن بولساق، نۆۋەت بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا كەلدى. يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلار قاندىلدىن بۇيرۇق ئېلىپ، مەملىكىتىمىزگە كېلىپ لۈكچەكلىك قىلىشىغا، نوچىلىق قىلىشىغا، مىللىتىمىزنىڭ قېنىنى ئېمىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز، مىللىتىمىزنىڭ بىر تىيىنىمۇ يۇلۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشىدىن چوقۇم ھېساب سورايمىز.»

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن يىلدىرىم سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى يېزىلار ۋە شەھەرلەر بولۇپ ھەر يەردە كۈرەش قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمىز. يول توسۇپ باشقىلارنى بىئارام قىلىش، يول بويىغا مىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ پارتىلتىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىش قاتارلىق نومۇسسىزلارچە ھۇجۇملارنى سادىر قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋملاشتۇرىمىز.»

يىلدىرىم بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقلىرىنى، پىلان-لايىھەلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۈتۈپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى، تېررورچىلارنىڭ يوشۇرۇنىۋالغان ماكانلىرىغىچە كىرىپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«شېھىتلىرىمىز بار، يۈرىكىمىز لەختە- لەختە بولدى. بىراق ۋەتەننى قوغداشنىڭ، مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر بەدىلى بار«دېگەن يىلدىرىم، تېررورىزىمغا قەتئىي بويۇن ئەگمەيدىغانلىقلىرىنى، تېررورىزىمغا بويۇن ئەگكەن تەقدىردە مىللەت بولالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئاستا-ئاستا كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەتكەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن بۇ دۆلەتنى پارچىلاش، بايرىقىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ۋەتەن زېمىنىنى بۆلۈشكە ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۆلگۈنچىدۇر. ھەممىسى تېررورچىدۇر. بىر مىللەت، بىر ۋەتەن، بىر بايراق، بىر دۆلەت ھەممىدىن ئەلادۇر، ئەگەر بۇلارغا كىم قارشى چىقسا قايسى مەزھەپ، قايسى گۇرۇھتىن بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىزگە نىسبەتەن تېررورچىدۇر، بۆلگۈنچىدۇر.»

يىلدىرىمنىڭ كۈنتەرتىپىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىمۇ بار ئىدى.

ئەزىزدىن جەرابلۇسقىچە بولغان 91 كىلومېتىرلىق چېگرىدا بىخەتەرلىك بەرپا قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ جايلاردىكى ئىشىمىز دائېش، پ ي د، ي پ گ، پ ك ك  قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. تۈركىيەگە كېلىپ بىزنى پاراكەندە قىلىشلىرىغا توسالغۇ بولۇشتۇر، چېگرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى بەرپا قىلىش، پۇقرالىرىمىزنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. بۇ بىزنىڭ تەبىئى ھەققىمىزدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر