قۇرتۇلمۇش: ئامېرىكىنىڭ 11 - سېنتەبىرى نېمە بولسا، تۈركىيەنىڭ 15 - ئىيۇلى شۇدۇر
باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 11 – سېنتەبىرى نېمە بولسا، تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇلىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە چاقىرىلغان 53 – نۆۋەتلىك شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جامائەتچىلىكى قۇرۇلتىيىغا ئىشتىراك قىلغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ چىكاگودىكى باش كونسۇلخانىسىدا تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. نۇقتىلىق ھالدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەريان ھەققىدە توختالغان قۇرتۇلمۇش، تۈرك مىللىتىنىڭ ئۇ كېچە بىر «دېموكراتىيە داستانى» يېزىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، خەلقنىڭ پۇلىغا ئېلىنغان تانكا ۋە ئايروپىلانلارنى يەنە خەلققە قارشى ئىشلىتىشتىمۇ ئېغىر زالىملىقنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلغان ھالدا، بۇ تەشكىلاتقا قارشى پۈتكۈل ساھەلەر بويىچە كۈرەش قىلىنىدىغانلىقىنى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىمۇ پارلامېنتنىڭ بومباردىمان قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش پەقەت ھۆكۈمەتنىڭلا ئەمەس، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭمۇ مەسىلىسىدۇر» دېدى.
15 – ئىيۇل كېچىسى تۈرك خەلقىنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغۇدەك جاسارەت ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش رۇھىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ياردەمچىسى قۇرتۇلمۇش، «دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئۇنداق جاسارەتلىك بىر مىللەتنى ئۇچرىتالمايسىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار ھېچكىمگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ئەمما، ھېچكىمگە ناھەقچىلىق قىلىنمايدىغانلىقىنى، تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدەمنىڭ قانۇن دۆلىتى پىرىنسىپى دائىرىسىدە تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر دىنىي قۇرۇلما ئەمەس، يوشۇرۇن مەقسەت – مۇددىئالىرى بار ئازغۇن بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشكە بارلىق كىشىلەرنى سەزگۈر قاراشقا چاقىرغان قۇرتۇلمۇش، «بۇ كىشى ئۆزىنى كائىنات ئىمامى، دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق بىر مەسىھچى خامخىيالغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن ئۆز تەشكىلاتى ئىچىدە مۇقەددەس ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، قىلغان ھەر بىر ئىشىغىمۇ مۇقەددەسلىك نۇقتىسىدىن قارالغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە بۇنىڭ ئىسلام ئىمان ۋە ئېتىقادىدىن ئېغىپ كەتكەن گۇمراھلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ، «بۇ تەشكىلاتقا قارشى كۈرەش قىلىش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ سىياسىتىدۇر» دېدى.
15 – ئىيۇلدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەمدىلىكتە «تۈركىيە ئىقتىسادى چېكىنىۋاتىدۇ» ۋە «تۈركىيەدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئېغىرلاشماقتا» دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر ھەر ئىككى مەسىلىسدە توغرا يۆنىلىشتە كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكىنىڭ 11 – سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بىلدۈرگەن ئىنكاسىغا ھېچكىمنىڭ نارازىلىق بىلدۈرەلمىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن قۇرتۇلمۇش، ناھايىتى خەتەرلىك بىر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان تۈركىيەنىڭ يولغا قويغان چارە – تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا خىتابەن «ئامېرىكىنىڭ 11 – سېتەبىرى نېمە بولسا، تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇلىمۇ شۇدۇر» دېدى.