تۈركىيە ئارمىيەسى تېرورىست نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ 8 – كۈنى زاۋگار ۋە كۇللىيياھ رايونلىرىدا بىر گۇرۇپپا تېرورىست پاناھجاي سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان 4 بىنانى بومباردىمان قىلىپ، يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى.

563438
تۈركىيە ئارمىيەسى تېرورىست نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە يەنە بۇ رايونلاردىكى 25 تېرورىست نىشان «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلگەن.

تۈركىيە ئالاھىدە قىسىملىرى بىلەن ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراىسىدىكى جەرابلۇس رايونىدا تېررور تەھدىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان  «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى تۈركىيەنىڭ خەلقئارا قانۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىدىكى «قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى» ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش توغرۇلۇق ئالغان قارارلىرىغا ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ گۈزەلمەرزا رايونىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئائىت بىر قورال - ياراغ ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تەدبىر ئالماقتا.

24 – ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە رايوندا جەمئىي 32 يېزا تېرورىست ئۇنسۇرلاردىن تازىلىنىپ، پۇقرالار قايتالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر