چۇكۇرجا ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە بىر نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈنۈگۈن كەچتە چۇكۇرچا ئەتراپىدىن كەلگەن جىددىي ئىستىخباراتقا بىنائەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى.

562932
چۇكۇرجا ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە بىر نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ناھىيەسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە بىر نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئارمىيە باش قوماندنلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن كەچتە چۇكۇرچا ئەتراپىدىن كەلگەن ئىستىخباراتقا بىنائەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رايوندا بايقالغان 1 مۇھىم نىشاننى ئوققا تۇتۇپ پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر