«تۈركىيە كوردلارنىڭ ئەمەس، پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۈشمىنى»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى تۈركىيەنىڭ كوردلارنىڭ ئەمەس، پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

559963
«تۈركىيە كوردلارنىڭ ئەمەس، پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۈشمىنى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن «‹ CNN International› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا كرىسچىيىن ئامانپورنىڭ مېھمىنى بولدى.

قالىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەرابلۇسقا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى گۈلەننىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىگىچە بولغان بىرقاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان  ي پ گ ۋە پ ي د نىڭ كېلىشىمگە ئاساسەن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا چېكىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن تۈركىيەنىڭ كورد خەلقىنىڭ ئەمەس، تېرورىست گۇرۇپپىلاردىن بولغان پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د ۋە ي پ گ نىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى ھەققىدە توختالغان قالىن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى جەرابلۇستىن پۈتۈنلەي تازىلايدىغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ي پ گ نىڭ رايوندىكى تەسىرى ئەڭ زور كۈچ ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قالىن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەن ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى توغرىلىقمۇ توختالدى.

گۈلەننىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىش باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلغان قالىن بايدىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ  15 – ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدا بومبىلانغان يەرلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىم بولغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن مەسىلىسىدە قانچىلىك دەرىجىدە جىددىي ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قالىن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار شەخسلەرنى ئىشتىن بوشىتىش، قولغا ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۆچ ئېلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئادالەت بەرپا قىلىشتۇر.»

ئالدى بىلەن 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قاتناشقان دۆلەت مەمۇرلىرىنى تامامەن ئىشتىن بوشىتىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن نىشانلىرىنىڭ تۈركىيەدە قايتا ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەرمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر