سۈرىيەدىن ئېتىلغان توپ ئوقى تۈركىيەدە 2 ئەسكەرنى يارىدار قىلدى
سۈرىيەدىن ئېتىلغان توپ ئوقى چېگرادىكى 3 – چېگرا رايون قاماندانلىقىغا قاراشلىق توپراقتۇتان ھەربىي بازىسىغا يېقىن جايغا چۈشتى.
560070
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىن ئېتىلغان توپ ئوقى خاتاينىڭ يايلاتېغى ناھىيەسىدىكى ھەربىي بازىغا چۈشۈپ 2 ئەسكەر يارىدار بولدى.
سۈرىيەدىن ئېتىلغان توپ ئوقى چېگرادىكى 3 – چېگرا رايون قاماندانلىقىغا قاراشلىق توپراقتۇتان ھەربىي بازىسىغا يېقىن جايغا چۈشتى.
پارتلاشتا يارىدار بولغان ئەسكەرلەر ئانتاكيا ناھىيەسىدىكى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى. ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.