پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىك قۇيرۇقچىسى ي پ گ توپقا تۇتۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە جەرابلۇستا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ  ك ك نىڭ قۇيرۇقچىسى ي پ گ نى ئىككى قېتىم توپقا تۇتتى.

559961
پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىك قۇيرۇقچىسى ي پ گ توپقا تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەچ تەرەپلەردە چارلاش ئايروپىلانلىرى ي پ گ لىق بىر گۇرۇپپىنىڭ جەرابلۇسقا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مەنبىچتىن يولغا چىققانلىقى تەخمىن قىلىنغان  گۇرۇپپا قالقامىشتىكى «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق توپقا تۇتۇلدى ھەمدە تېرورىستلار جەرابلۇسقا 10 كىلومېتىر قالغاندا يوقىتىلدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە سۈرىيەدە ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان تېرورىست نىشانلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

15 سائەت ئىچىدە رايون تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د / ي پ گ نىڭ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمىغا ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر