كېررى چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون ئېلىپ، PYD نىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى، سۈرىيەدىكى PYD/YPG كۈچلىرىنىڭ فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

558987
كېررى چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون ئېلىپ، PYD نىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون كېررى دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، كېررىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۈگۈن ئەتىگەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەدە توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى ۋە ئۈزۈل – كېسىل ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار تىرىشچانلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، جەرابلۇسقا قارىتىلغان ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ۋە بۇ ھەقتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدىكى بىردەكلىك تەكىتلەندى.

PYD/YPG كۈچلىرىنىڭ فىراتنىڭ غەربىگە ئۆتمەسلىكى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە كېررى، بۇ كۈچلەرنىڭ فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىراق ۋە سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى.

بۇ جەرياندا، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ راققەنى دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر