تۈركىيە چەت ئەللىك دىپلوماتلارنى فەتھۇللاھچىلار توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىگە قىلدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا قارشى كۈرەش ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

556896
تۈركىيە چەت ئەللىك دىپلوماتلارنى فەتھۇللاھچىلار توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىگە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە چەت دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن خەلقئارا تەشىكلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىگە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

مىنىستىر ۋەكىلى باش ئەلچى مۇرات سالىم ئەسەنلى تەرىپىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەر ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ چەت ئەللەردىكى تەشكىللىنىش تورى چۈشەندۈرۈلدى.

دوكلات دائىرىسىدە يەنە، چەت ئەللىك دىپلوماتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىگە جددىي ھالەت سىياسەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر