باش قوماندانلىق ئىشتابى غازىئانتەپ تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، پۈتكۈل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرتۈرلۈك خەۋپكە قارشى كۈرەش قىلىشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

556669
باش قوماندانلىق ئىشتابى غازىئانتەپ تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شەنبە كۈنى كەچتە غازىئانتەپتە مەيدانغا كېلىپ 51 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، 69 ئادەمنىڭ يارىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانخور ۋە پەسكەش ھۇجۇمغا قاتتىق لەنەت ئېيتتى.

تېرروردىن ئاخىرقى بىر چارە سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلارنىڭ لايىقىدا جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پۈتكۈل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر تۈرلۈك خېيىم – خەتەرگە قارشى بىرمۇ بىگۇناھ پۇقرانىڭ قىلىغا زىيان يەتكۈزمەستىن خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا؛ قوراللىق ساقچى قىسىم، ساقچى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تېرىگەن ھالدا كۈرەش قىلىشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «كۆزى قارايغان تەلۋىلەرنىڭ مىللەتنىڭ ھەمكارلىقىنى شۇنداقلا ئۇ ئىگە بولغان 18 – مارت ۋە 15 – ئىيۇل رۇھىنى قەتئىي يوقىتالمايدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر