تەكىرداغدا بىر مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تەكىرداغنىڭ چورلۇ ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان بىر مەشىق ئايروپىلانى ئاھىمەھمەت يېزىسىنىڭ كاۋاكچاتاغى رايونىغا چۈشۈپ كەتتى.

553711
تەكىرداغدا بىر مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەكىرداغنىڭ چورلۇ ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان بىر مەشىق ئايروپىلانى ئاھىمەھمەت يېزىسىغا بىر جايدا ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر سەۋەپتىن چۈشۈپ كەتتى؛ قازادا ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئەرگەنە ھاكىمى فاتىھ قىزىلتوپراق، ئۆلگەنلەردىن بىرىنى مەشىق قىلدۇرغۇچى، يەنە بىرىنى ئوقۇغۇچى بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئاھىمەھمەت يېزىسىنىڭ كاۋاكچاتاغى رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانغا ئوت كەتكەنلىكى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ يوللانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر