نۇمان قۇرتۇلمۇش 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسياننىڭ چوقۇم بىر سىياسىي قانىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى

نۇمان قۇرتۇلمۇش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ  40 يىل تەييارلىق قىلغانلىقىنى، ھازىرمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت تورلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

553635
نۇمان قۇرتۇلمۇش 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسياننىڭ چوقۇم بىر سىياسىي قانىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى (FETÖ/PDY)نىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ چوقۇم بىر سىياسىي قانىتىنىڭمۇ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان سۆزىدە، «بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر يەرلەردە، بىر شەكىلدە، چوقۇم بىر سىياسىي قانىتى بولۇشى لازىم. تۈركىيەنىڭ سىياسىي تەجرىبىسى بىزگە بۇنى ئېيتىپ بېرىدۇ.  ئۇلار كىم؟ قەيەردە؟ بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، بىز سىياسىي جەھەتتىن مۇشۇ خىل ئېنىقلىمىنى بېرەلەيمىز» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش «15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن خيىم – خەتەر پۈتۈنلەي تۆگىدىمۇ ياكى مەۋجۇتمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «بۇ خېيىم – خەتەر قانداق چۈشەنگەنلىكىمىزگە باغلىق. بىر قوراللىق ئىسيان مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە ئارمىيەسىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەتكەن شەكىلدە قايتىدىن بىر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى قىلالىشى ئەمدىلىكتە مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ  40 يىل تەييارلىق قىلغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان يەردە مەخپىي خادىملىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىرمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت تورلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسىغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن نۇمان قرتۇلمۇش، بۇ تەشكىلاتقا چېتىشلىقى بولغان، ھەر تۈرلۈك ئالاقە – مۇناسىۋېتى بولغان ۋە ھەرخىل ياردەملەردە بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ چوقۇم ھېسابقا تارتىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن قايتۇرۇلىشى ئۈستىدىمۇ توختالغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، 7 - ئاۋغۇست دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يېغىلىشىدىن كېيىن بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە «ئامېرىكا رەھبەرلىرى يا قانخور تېررورچىلارنىڭ كاتىۋىشىنى (يەنى ئۆز ۋەتەنداشلىرىدىن 240 كىشىنى بىر كېچىدە ئۆلتۈرگەن تەشكىلات رەھبىرىنى) ۋەياكى 79 مىليون تۈركىيە خەلقىنى تاللىمىسا بولمايدۇ» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناىسۋەتلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك ۋە دائېشنىڭ ئورتاق نىشانىنىڭ تۈركىيەنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش: «قارىغاندا بۇ 3 تەشكىلات بەزى ھېسابلارنى بىرلىكتە قىلىشقاندەك قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر