گېرمانىيەلىك ئادۋۇكات: ئەردوغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ غوللۇق رەھبىرىدۇر

ياھيا ھېيسىڭ ئىسىملىك بىر گېرمانىيەلىك ئادۋۇكات رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ غوللۇق رەھبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

552318
گېرمانىيەلىك ئادۋۇكات: ئەردوغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ غوللۇق رەھبىرىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياھيا ھېيسىڭ ئىسىملىك بىر گېرمانىيەلىك ئادۋۇكات، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدا مۇۋازىنەتلىك رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ياھيا ھېيسىڭ ئەردوغاننىڭ ئسىلام دۇنياسىدىكى غوللۇق رەھبەر ۋە مۇھىم زات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن مۇۋازىنەتلىك كۈچكە ئىگىدۇر. ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنىۋى قوللىغۇچىسىدۇر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام دىيارىدىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتتە سايلامغا قاتناشسا، %90ئاۋازغا ئېرىشەلەيدىغان رەھبەردۇر. تۈركىيە ئەردوغاننى تولىمۇ سۆيىدۇ. ئۇ تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن ئىلگىرى تولىمۇ ئەپسۇسكى تۈركىيەدە نۇرغۇن سەلبىي ھادىسىلەر مەۋجۇت ئىدى. بىراق ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى ساھەسىدىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل بولدى. ئۇنڭ سىياسىتى غەرب دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلماقتا.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى ۋە كۈچلۈك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھېيسىڭ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتكەن تەقدىردە، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن زور چېكىنىش بولىدىغانلىقى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەم نېمە بولسا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغىچىلار غەرىزىگە يېتەلمىدى.»

پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەردوغاننى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھېيسىڭ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قىپقىزىل مەنپەئەت سىياسىتىدۇر. گېرمانىيەنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن ئورناتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە بىر قاراڭلار. بۇ مەنپەئەت تورىدىكى ھېچكىم كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ قويمايدۇ. بۇ مەنپەئەت سىياسىتىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوباما نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بىراق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى. گۇانتانومو ھازىرغىچە تاقىۋېتىلمىدى، بۇ قىلمىشلارنى ھېچكىم تەنقىد قىلمايۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر.»

ھېيسىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدا تۈركلەرنىڭ مۇداپىيەسىز ھالدا تانكىلارنىڭ ئالدىغا چىقىشلىرىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئەسناسىدا ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھېيسىڭ مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ قىلمىش ئەسناسىدا كوجامۇستافا پاشادىكى رامازان ئەفەندى جامەسىدە ئىدىم، ئايالىم ماڭا تېلېفون قىلدى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ خەلققە قىلغان چاقىرىقىدىن كېيىن قېيىن ئاتام ۋە ئوغلۇم بىلەن كوچىغا چىقتۇق، بۇ ئەردوغاننىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقستىدە سادىر قىلىنغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر