گۈلەننىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىشى توغرىسىدىكى مەكتۇپىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللىدى.

551441
گۈلەننىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكى ئېنىقلانغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ لىدېرى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قولغا ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنغان مەكتۇپنى ئامېرىكىنىڭ ھوقۇقلۇق دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا يوللىدى.

مەكتۇپتا، 15 – ئىيۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا مەنسۇپ بىر قىسىم ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ گۈلەننىڭ يوليۇرۇقى بىلەن سادىر قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى يېزىلغان مەكتۇپتا، گۈلەننىڭ، ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى يوللىنىشتىن ئىلگىرى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ۋە جىنايى ئىشلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش كېلىشىمىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن، ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر