يىلدىرىم: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پېشكەللىككە ئۇچرىمىدى

باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنمۇ بىرەر پېشكەللىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

551153
يىلدىرىم: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پېشكەللىككە ئۇچرىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئىستانبۇل سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «تۈركىيەگە ئىشەنگەنلەر ۋە تۈركىيەدىكى مېھنەتكەشلەر» تېمىلىق يىغىنغا ۋىدېئولۇق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم فەتھۇللاھچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى ۋە كىرىزىس يۈز بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلارنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇرادىغا يېتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە دېموكراتىيەمىزمۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزمۇ ئىنتايىن ساغلام بولۇپ، بانكىچىلىق سىستېمىمىزمۇ، پۇل - مۇئامىلە ساھەمىزمۇ ساغلام بىر شەكىلدە ئۆزىنىڭ رولىنى توختاۋسىز جارى قىلدۇرماقتا. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى تۈركىيەنى كۆرۈمسىز ۋە ئاجىز دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىدى. يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك كارخانىچىلارغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، ئۆز دۆلەتلىرىڭلاردا ھەقىقىي تۈركىيەنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنىڭ زىممەڭلارغىمۇ مەسئۇلىيەت يۈكلەنمەكتە. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئادا قىلىدىغانلىقىڭلارغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن. تۈركىيە 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنى بويلاپ ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. شۇڭا، دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ھەر بىر مىنۇت، ھەتتا سېكۇنت ئالتۇندىنمۇ قىممەت. جۈملىدىن، دۆلىتىمىز بۇ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۈركىيەگە مەبلەغ سالىدىغان كارخانىچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئىمكانىيەت ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر