«ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش نۆۋىتىنى فەتھۇللاھچىلاردىن پ ك ك ئۆتكۈزۈۋالدى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش نۆۋىتىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

549581
«ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش نۆۋىتىنى فەتھۇللاھچىلاردىن پ ك ك ئۆتكۈزۈۋالدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن بەشتەپەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلغاندا، مۇنداق دېدى: «ئەنقەرە گويا دۆلىتىمىزدىكى ئازادلىققا ئېرىشىش كۈنى بولمىغان نادىر شەھەرلىرىمىزدىن بىرى ئىدى. 15 – ئىيۇل پۈتكۈل تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەنىڭمۇ ئازادلىققا ئېرىشكەن كۈنىدۇر. دېموكراتىيەنى پەقەت مەلۇم كۈنلەردە، مەلۇم يەرلەردە ۋە مەلۇم سائەتلەردىلا قوغدىغىلى بولمايدۇ. بىز مەيلى ئۆيلىرىمىزدە بولايلى، مەيلى ئىش ئورۇنلىرىمىزدا بولايلى، ھەممە يەردە دېموكراتىيەمىزگە، ئەركىنلىكىمىزگە، دۆلىىتمىزگە، كېلەچىكىمىزگە 24 سائەت، 365 كۈن ساھىب چىقىمىز. تەھدىتنىڭ، تۇزاقنىڭ، ۋەتەن خائىنلىقىنىڭ ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ قەيەردىن، قاچان ۋە كىم تەرىپىدىن كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۈگۈن شىرناقتىن يەنە شېھىت، ماردىندىن ۋە دىيارباقىردىن پارتلاش خەۋەرلىرى كېلىۋاتىدۇ. ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش نۆۋىتىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ئۆتكۈزۈۋالدى، پ ك ك تەرك ئەتسە، دائېش ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بىزگە ناھايىتى ئايانكى، ئۇلارنىڭ نىشانى بىزگە دۈشمەنلىك قىلىش، ھەممىسىنىڭ نىيىتى بىزگە خىرىس قىلىش بولغاچقا، تۇزاقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەممىسى يوپۇرۇلۇپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، بىز ئەزىز خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا، ھەممىسىنى ھالاكەت مەنزىلگاھىغا يوللاشقا تەييارمىز. بىز ئۇزۇندىن بۇيان دىننى نىقاب قىلىپ، قانۇنسىز پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان، بوھتانلىرى ۋە رىياكارلىقلىرى بىلەن خەلقىمىزنىلا ئەمەس، پۈتكۈل جاھاننى ئالداۋاتقان بۇ خائىن تەشكىلاتقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانىدۇق، يېقىندا بۇ تەشكىلاتنىڭ قولى مەسۇم خەلقىمىزنىڭ قېنىغا بويالدى. خەلقىمىز ھەرقانداق بىر خاتالىقنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئەمما ۋەتەن خائىنلىقىنى ئەسلا كەچۈرمەيدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دۆلىتىمىزگىمۇ، خەلقىمىزگىمۇ خىيانەت قىلدى. ئەسلىدە بۇ خائىن تەشكىلاتنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى نامى ئاستىدىكى بۇ قىلمىشى تۈركىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. باشقىلار بىزنىڭ زېمىنىزغا خىرىس قىلىمىز دەپ خام – خىيال قىلمىسۇن. ئەگەر ئۇنداق قىلىدىكەن، بىز خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويىمىز، ھەمدە ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىمىز. بىز ئوبدان بىلىمىزكى، ئۆز خەلقىگە قورال تەڭلىگەنلەردىن باشقىلارغىمۇ ۋاپا كەلمەيدۇ.  نۆۋەتتە قەندىل تېغىدىن بەزىلەر ئۆزلىرىچە قالايمىقان باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يېزا – قىشلاقلاردىن شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغۇدەكمىش! قېنى كەلسۇن، ھالاكەت ئازگاللىرى ئاللىقاچان تەق قىلىپ قويۇلدى. شۇڭا ئۇلار كەلگەن چاغدا، كېپەنلىرىنىمۇ يېنىدا ئېلىۋالسۇن. دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا كېچە – كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىز ھەم خەلقىمىزگە بولغان ساداقىتىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلغان ئەزىز خەلقىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. جانابىي ئاللاھ دۆلىتىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى مەڭگۈ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! ھازىرچە دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشىمىزنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويىمىز. ئەمما روھىي دۇنيامىزدا، قەلبىمىزدە ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەن خائىنلىرى بىلەن باشقا دۈشمەنلەرنىڭ بىزگە خىرىس قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا ھەردائىم تەييار ھالەتتە تۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر