يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۈچەيمەكتە

تۈنجىلىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 4 نىشان، ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى.

548888
يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۈچەيمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ بەيتۇششەباب ناھىيەسىدە ھەربىي ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى.

ھابۇر چېگرا ئېغىزىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە كېتىۋاتقان ئەسكەرلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل يولدىن ئۆتۈش جەريانىدا، تېررورچىلا تەرىپىدىن يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ پارتلىشى تۈپەيلى 10 ئەسكەر يارىدار بولدى.

يارىدار بولغان 1 ئەسكەر  دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى. يارىدارلاردىن بەزىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاش بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا ھەربىي ئاپتوموبىلغا ئىراقنىڭ شىمالىدىن روكىتامىيوت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىندى. 

ۋەقەدىن كېيىن رايونغا ياردەمچى قىسىم ئەۋەتىلدى. رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.

دىيارباكىردىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ خائىنلارچە قىلغان ھۇجۇمىدا، 2 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى ۋە يەنە 2 ئەسكىرىمىز يارىدار بولدى.

لىجە – كۇلپ ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، تېررورچىلار ئۇزاق مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئەسكەرلەرمۇ ھۇجۇمغا دەل ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇردى ۋە تۇقۇنۇش يۈز بەردى. تۇقۇنۇش جەريانىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولۇپ، 3 ئەسكەر يارىدار بولدى.

يارىدار بولغان ئەسكەرلەر دىيارباكىر دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى. يارىدار بولغان ئەسكەرلەردىن بىرسى دۇختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

رايوندا تېررورچىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا.

تۈنجىلىدە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 4 نىشان، ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق بىت - چىت قىلىپ تاشلاندى.

ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، تۈنجىلى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھەرىكەت قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ھەققىدە تۈنۈگۈن كەچتە ئىستىخبارات تاپشۇرۇپ ئېلىنغان ۋە دەرھال ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سائەت 20:00 دىن 20:20 گىچە بولغان ئارىلىقتا تۈنجىلى ئەتراپىدا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ۋە رايوندا بەلگىلەنگەن 4 نىشاننى بىت – چىت قىلىپ تاشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر