نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى

نۇمان قۇرتۇلمۇش ھازىرمۇ 216 نەپەر ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ سۇيىقەست، تور ھۇجۇمى، ئىقتىسادقا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنى سادىر قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

549064
نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش 15 – ئىيۇلدا يالغۇز بىر ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش بۇ گەپلەرنى «مۇبالىغە» دەپ ئويلاپ قالىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىراقنىڭ چۇۋالچاق  ھالغا كېلىپ قېلىشى، ئىراقتىكى ئەشۇ جەريانلار باشلىنىپ، 20 ئايدىن كېيىن ئىشقا ئاشقان ئىدى. سۈرىيەمۇ 18 – 19 ئايدىن كېيىن بۈگۈنكى ئەھۋالغا كېلىپ قالدى» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش خۇسۇسىي بىر تېلېۋزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  «دۆلىتىمىز تۇلۇق مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، قىيالىقنىڭ ئۇچىدىن قايتقان بولدى. ئەمدى يېقىن مەزگىل ئىچىدە يەنە قايتا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشى ياكى شۇنىڭدەك باشقا ئىككىنچى بىر پىلاننىڭ ھەرىكەتكە سېلىنىشى ئېھتىمالدىن يېراق، دەپ قارايمەن» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ھازىرمۇ 216 نەپەر ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ سۇيىقەست، تور ھۇجۇمى، ئىقتىسادقا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنى سادىر قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش بۇ ئېھتىماللىقلارغا قارشى دۆلەتنىڭ پۈتۈن ئورگانلىرىنىڭ سەگەك ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا قارشى كېرەكلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر