ئەردوغان بىلەن پۇتىن قىزغىن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سائىنت پېتېرسبۇرگدىكى كونىستانتىنوۋسكى سارىيىدا قىزغىن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى، 2015-يىلى 24-نويابىر تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن بۇيان يىرىكلەشكەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى رەھبەر ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن پۈتكۈل دۇنيا قىزىقىۋاتقان ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك قىسقا بايانات بەردى.
ۋلادىمىر پۇتىن كىرىزىس تۈپەيلىدىن مۇناسىۋەتلەردە ئاستىلاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشتىن كېيىن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىغان تۇنجى كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بۈگۈن رۇسىيەگە خۇش كەلدىڭىز، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئايرىم مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياراتقان بۇ پۇرسەت ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇرۇندىنلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىجابىي باسقۇچقا كىرگەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ، بېسىلىدىغان يېڭى قەدەملەر بىلەن تېخىمۇ باشقىچە نۇقتىلارغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 15-ئىيۇل پۇتىننىڭ تېلېفون قىلغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۈگۈن(9-ئاۋغۇست) كى ئۇچرىشىشنىڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «رايوننىڭ سىياسىي نۇقتىدىن بىزدىن كۈتكەنلىرى بار» دېدى.
ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.