چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن بىر ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست قولغا ئېلىندى

ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست سنېل لىندستېيلېر خاتاينىڭ ئالتۇنئۆزۈ ناھىيەسىدە سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيە تەرەپكە ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسنادا قولغا ئېلىندى.

547249
چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن بىر ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاي ۋالىيسى ئەرجان توپاجا، ئىككى كۈن ئىلگىرى چېگراغا يېقىنلاشقان ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكىلىق ژۇرنالىستنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋالىي ئەرجان توپاجا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئامېرىكىلىق بىر ژۇرنالىستنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن سۈرىيەدىن تۈركىيە تەرەپكە ئۆتۈشكە ئورۇنۇش جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلۈپ مەھكىمىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، سوتلاش جەريانىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر ژۇرنالىستنىڭ جاسۇس ياكى ئەمەسلىكىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى، بىر ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ چېگرانىڭ سۈرىيە تەرىپىدە ئۇنى ئىزدىگەنلىكىنى، ئەمما، سنېل لىندستېيلېر ئىسىملىك ژۇرنالىستنىڭ ئەرتىسى كۈنى چېگراغا كېلىپ، تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيە تەرەپكە ئۆتۈشكە ئورۇنۇش جەريانىدا خاتاينىڭ ئالتۇنئۆزۈ ناھىيەسىدە تۇتۇلۇپ قالغان ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست سنېل لىندستېيلېرنىڭ تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى (ئىقامەت) نىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋالىي ئەرجان توپاجا، ئامېرىكىلىق مەزكۇر ئايال ژۇرنالىستنىڭ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق سۈرىيەگە بارغانلىقى، ئۇ يەردىن يەنە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيە تەرەپكە ئۆتكەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر