15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسياننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسياننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت كانادادا زىيارەتتە بولماقتا.

547326
15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئىسياننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئالاقە كومىتېتى باشلىقى جەمالەتتىن كانى تورۇن تۈرك مىللىتىنىڭ 15-ئىيۇل كېچىسى ناھايىتى قەبىھ بىر ھادىسىگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خائىنلار دۆلەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشتى، بىراق تۈرك مىللىتى كۆكرەك كېرىپ،ئۇلارغا جەسۇرلارچە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن بۇ خائىنلار بىر تەرەپ قىلىندى.»

مەجلىس تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈش پائالىيىتى دائىرىسىدە، كانادا زىيارىتى ئەسناسىدا مونتېرىيال تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن ئۇچراشتى.

تورۇن يىغىندا سۆز قىلىپ تۈرك مىللىتىنىڭ قۇدرىتىنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

غەرب دۇنياسىنىڭ تۈركىيەدە ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ تەنقىد قىلغان تورۇن مۇنداق دېدى: «فىرانسىيەدە 6 ئايدىن بۇيان جىددىي ھالەت يولغا  قويۇلماقتا، ھېچكىم بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ قويمىدى. بىراق تۈركىيە جىددىي ھالەت ئېلان قىلسا، بۇ ھەقتە نۇرغۇن بۇرمىلانغان ۋە يالغان ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر تارقالماقتا. غەربتە تۈركىيەدىگە ئوخشاش بىر ۋەقە سادىر بولۇپ قالسا، بىزدىن ئون ھەسسە ئاشۇرۇپ ئىش قىلغان بولاتتى.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ھەيئىتى ئوتتۇۋادىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن تورونتوغا بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر