«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د ۋە دائېش ۋاسىتىلىك ھالدا ھەمكارلىشىۋاتىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د/ ي پ گ ۋە دائېشنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

544653
«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د ۋە دائېش ۋاسىتىلىك ھالدا ھەمكارلىشىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان مېكسىكىنىڭ «‹ Televisa› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە قارشى ئۆزئارا ۋاسىتىلىك ھالدا ھەمكارلىشىۋاتقان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى خۇددى ئالدىن پۈتۈشۈۋالغاندەكلا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى 4 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەزىز خەلقىمگە خىتاب قىلىپ، مەيدانلارغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرغانىدىم. قەدىردان خەلقىممۇ مېنىڭ بۇ چاقىرىقىمغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، شەرەپ بىلەن دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. مەن ئەزىز خەلقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىمەن. ئەزىز خەلقىمنىڭ بۇ مىسلىسىز پىداكارلىقى ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار – يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە،  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د/ ي پ گ ۋە دائېشنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ تۈركىيەگە قارشى خۇددى ئالدىن پۈتۈشۈۋالغاندەكلا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆپلىگەن ۋەقەلەردە كۆرگەنلىكلىرىنى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ باياناتلىرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د غا قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم بەرمەسلىككە چاقىرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كوبانىغا ھەرگىزمۇ قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم بەرمەڭلار، چۈنكى، ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، بۇ قورال – ياراغلارنىڭ يېرىمى پ ي د غا ياكى ي پ گ غا كەتسە، يېرىمى دائېشقا كېتىدۇ دەپ ئوبامانى ئاگاھلاندۇردۇم. دەرۋەقە، ئامېرىكا بەرگەن قورال – ياراغلارنىڭ يېرىمى دائېشنىڭ قولىغا، يېرىمى  ي پ گ نىڭ ۋە پ ي د نىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. بىز بۇ توغرۇلۇق كۆپ  قېتىم ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. ئادەتتە بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى گويا بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغاندەكلا كۆرسىتىلىۋاتىدۇ، ئەمما ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىنى لەنەتلەيمىز. تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ھالسىرىتىپ، جېنىغا جاق تويغۇزدى. دۆلىتىمىز بۇ كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن 1999 – يىلى ئامېرىكىغا كېتىپ، پېنسىلۋانىيەدە 400 دۆنۈملۈك بىر زېمىنغا يەرلەشتى. بىز فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئامېرىكىغا يوللىدۇق، ھەتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ۋە ئالاھىدە ۋەكىللەرمۇ فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارىدۇ. چۈنكى بۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئادەتتىن تاشقىرى بىر مەسىلە. 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا 237 كىشى شېھىت بولدى، 2 مىڭ 191 كىشى يارىلاندى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى، ئالاھىدە ھەرىكەت بىناسى بومباردىمان قىلىندى، ئالاھىدە ھەرىكەت بىناسىدا 52 ساقچىمىز شېھىت بولدى. بىز شۇنىڭدىن كېيىن جىددىىي ھالەت ئېلان قىلدۇق. چۈنكى، تۈركىيە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا بىر قىسىم كۈچلەر ‹نېمىشقا جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىسىلەر؟› دەۋاتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا جىددىىي ھالەت ئېلان قىلمىساق، قاچان قىلىمىز؟ تۈركىيە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغاندىن كېيىنمۇ؟ بۇ ئەقىلغە سىغامدۇ؟ بۇ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدۇر. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزىمىز قارار چىقىرىمىز. فىرانسىيەنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، فىرانسىيە نېمە قىلغانىدى؟ 15 – ماددا توغرۇلۇق ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغانىدى. مەھكىمىمۇ فىرانسىيەنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. تۈركىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرىمۇ فىرانسىيەنىڭكى بىلەن ئوخشاش. غەرب ئەللىرىنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. فىرانسىيەدە 3 كىشى، 5 كىشى، 7 كىشى، 10 كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھامان مىڭلارچە كىشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۆپلىگەن سىياسىيونلارنى تەكلىپ قىلىپ، پارىژ كوچىلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بەزى رەھبەرلەر بىزگە تېلېفون قىلىپ، ‹ئەپسۇسلاندۇق›، ‹كۆڭلىمىز يېرىم بولدى›، ‹بىز دېموكراتىيە تەرەپتە تۇرىمىز› دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى سەمىمىي ۋە دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايمەن. خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇ كايىشىمنى دېموكراتىك كايىش دەپ قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن. سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كەلسەك، دۆلەتتە ھەم سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتىدۇ. دائېشقا قارشى چىقىۋاتقانلارنى ياخشى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۇنيادا تېررور دېگەن نېمە؟ تېررورىست زادى كىم؟ بۇنىڭ چەك – چېگراسىىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئورتاق نۇقتىدا كۈرەش مېخانىزمىنى تۇرغۇزالايمىز. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ھازىر بۇنداق مېخانىزىمىز يوق ھەم بۇ نىشانغىمۇ يېتەلمەيۋاتىمىز. ئەننۇسرە ئەلقائىدەدىن ئايرىلدى. بۇ ئايرىم ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. ئاخىرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇسىبەتلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇش ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر