باھچەلى: ئىستانبۇلدىكى چوڭ يىغىلىش دوستلارغا ئىشەنچ بېغىشلاپ، دۈشمەنلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى يېرىۋېتىدۇ
مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى «دېموكراتىيەنى قوغداش ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش نامايىشى» غا قاتنىشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت باھچەلى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter دىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 7 – ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دېموكراتىيەنى قوغداش ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش نامايىشى» غا قتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامايىشتا 79 مىليون تۈركىيە خەلقىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسىيونلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ 15 – ئىيۇلدىن تارتىپ ھازىرغىچە دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا مەيدانلارنى تەرك ئەتمەي، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، مىسلىسىز ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدىكى تەڭداشسىەز كۈرىشى ئىستانبۇلنىڭ يەنىكاپى رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش ئارقىلىق تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ، پۈتكۈل جاھاننى لەرزىگە سالىدۇ، دوستلارغا ئىشەنچ بېغىشلاپ، دۈشمەنلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى يېرىۋېتىدۇ.»
دۆلەت باھچەلىنىڭ بۇ باياناتىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تورداشلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەشتى.
شۇنىڭ بىلەن، ئەردوغان تۇنجى قېتىم بىر سىياسىي لىدېرنىڭ باياناتىنى ھەمبەھىرلەشكەن بولدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن كېيىن باش مىنىستىر يىلدىرىممۇ دۆلەت باھچەلىنىڭ باياناتىنى تورداشلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەشتى.
ئەردوغان 7 – ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلنىڭ يەنىكاپى رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دېموكراتىيەنى قوغداش ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش نامايىشى» غا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلىغىمۇ تەكلىپنامە ئەۋەتكەن، قىلىچدارئوغلۇ ئۆزىنىڭ نامايىشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھەيئەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خاقان فىدان قاتاردا سۈرىيە مۇزاكىرە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بەدىر جاموس بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.