ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى جوسىف دۇنفورد تۈركىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بومباردىمان قىلىنغان جايلىرىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

543150
ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق ئىپادىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفوردنى چانقايا سارىيىدا قوبۇل قىلدى. يىلدىرىم ئۇچرىشىشتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن 15 – ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە دېموكراتىيەسى ۋە تۈرك خەلقى ھازىرغىچە دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ بۇ مۇساپىدىن تېخىمۇ كۈچلەنگەن ھالدا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ تېررورچى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق ۋە قەتئىي شەكىلدە نامايەن قىلىشىنىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئۇنسۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش مۇساپىسىدە دېموكراتىك قانۇن دۆلىتى پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى لىدېرى فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە باشقا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى ئۈمىدلىرىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد ئۇچرىشىشتا، 15 – ئىيۇلدىكى رەزىللەرچە تېررورچى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، بۇ زىيارەتنى دۆلىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى دېموكراتىك تۈزۈمنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ھەربىي ساھەدىكىگە ئوخشاشلا باشقا بارلىق ساھەلەردىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئەنقەرەدە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئىشقا ئاشۇردى؛ دەسلەپتە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشكەن دۇنفورد، ئاكار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدىكى بومباردىماندا تالاپەتكە ئۇچرىغان ئومۇمىي كېڭەش زالى بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە جايلارنى كۆزدىن كەچۈردى.

دۇنفوردنىڭ زىيارىتىگە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باسمۇ قاتناشتى.

مېھمان باش ئىشتاب باشلىقى ئارقىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى؛ ئۇچرىشىشتا ئامېرىكىلىق قوماندان، پارلامېنتنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، تۈرك خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ يەنە، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خائىنلارچە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن 15 – ئىيۇل ئاخشىمى پارلامېنتنىڭ ئوچۇق بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلغان دۇنفورد، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بومباردىمان ئەسناسىدا پارلامېنتتا بولۇشىنىڭ كۈچلۈك جاسارەتنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد ئەنقەرەگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىمۇ زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر