تۈركىيە پارلامېنتى ھەربىي ئىسياننى تەكشۈرىدۇ

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

542891
تۈركىيە پارلامېنتى ھەربىي ئىسياننى تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارارغا ئاساسلانغاندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشكىلاتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ، كېرەكلىك تەدبىلەرنىڭ ئېلىنىشى مەقسىتىدە قۇرۇلغان كومىتېت 15 ئەزادىن تەشكىل تاپىدىكەن. كومىتېتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەسئۇلى، مۇئاۋىن مەسئۇلى، باياناتچىسى ۋە كاتىپ ئەزاسى سايلام چىقىلغاندىن كېيىن 3 ئاي بولىدىكەن. كومىتېت زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەنقەرە سىرتىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان كومىتېتقا مۇناسىۋەتلىك قارارى ئومۇمىي كېڭەشتە 26 – ئىيۇل كۈنى قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر