باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار: مەندىنمۇ چوڭ دەلىل بولامدۇ؟

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفور تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى بومبىلانغان جايلارنى كۆزدىن  كەچۈردى.

543460
باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار: مەندىنمۇ چوڭ دەلىل بولامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆز ئالدىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇنفورد تۈركىيە خەلقى ۋە ئارمىيەسىگە تەزىيە بىلدۈردى. دۇنفورد ئاقارنىڭ تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەلىپگە قارىتا توختالغاندا، ئامېرىكىدا تەلەپلەرگە قانۇن دائىرىسىدە ۋە دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئاقار دۇنفورنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ : «قانداق دەلىل – ئىسپات ئىكەن ئۇ؟  مەندىنمۇ چوڭ دەلىل بولامدۇ؟» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر