قۇرتۇلمۇش ‹دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋەتلىرى› نىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقىتىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە خەلقى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە باشلانغان دېموكراتىيەنى مۇھاپىزەت قىلىش نۆۋىتىنى داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەنىڭ قىزىل ئاي مەيدانى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئالدىدىكى ‹دېموكراتىيەنى مۇھاپىزەت قىلىش نۆۋىتى› داۋام قىلماقتا؛ يىغىلىشتا كېچە بويىچە شېھىتلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى. دېموكراتىيە مۇھاپىزەتچىلىرى شېھىتلەرنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. يىغىلىشقا سىياسەتچىلەردىن سىرت سەنئەتچىلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى. خەلق، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا بىۋاسىتە تارقىتىلغان باياناتلىرىنى چوڭ ئىكرانلار ئارقىلىق ئاڭلىدى.
ئىستانبۇلنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەيدانلىرىدىمۇ مىڭلاچە كىشى ‹دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتى› نى داۋاملاشتۇردى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ساراچخانەدىكى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. ئۇ يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغان باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋەتلىرىنىڭ 7 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغقىچە ھېچكىمنىڭ مەيدانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا تاكسىم مەيدانى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قىسىكلىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىمۇ تۈركىيە بايرىقى دېڭىزىغا ئايلاندى. ئۇ يەردىكى يىغىلىشقا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋەيسى قايناق، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قىزى ئەسرا ئالبايراقمۇ قېتىلدى.
بۇلاردىن باشقا ئورمانچىلىق ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەيسەل ئەرئوغلۇ ئىزمىردىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ئادانادىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادىكى، سابىق ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز نەۋشەھىردىكى دېموكراتىيە نۆۋىتى يىغىلىشىغا ئىشتىراك قىلدى.
يەنە قارابۈك ۋە دىيارباكىردىكى مەيدانلارغا يىغىلغان مىڭلارچە كىشى تۈركىيە بايرىقى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەسمىنى كۆتۈرگەن ھالدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.