ئاكار بىلەن دۇنفورد ئىككى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتى

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد ئىككى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

538976
ئاكار بىلەن دۇنفورد ئىككى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ھۇلۇسى ئاكارغا تېلېفون ئالغان بولسىمۇ، كۆرۈشەلمىگەن، گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى دۇنفوردغا ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قايتۇرۇپ تېلېفون قىلالىغان. تېلېفون سۆھبىتىدە دۇنفورد ئاكارغا تەسەللىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد ئارقىدىن ئىنجىرلىك ۋە دىيارباكىردىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىدا توك يوقلۇقى ۋە يېقىلغۇ تولۇقلاشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەزكۇر جايلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفور رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ھۇلۇسى ئاكارغا قايتا تېلېفون قىلدى. ئىككىنچى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار دۇنفوردىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە ھەمدەم بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر