قۇرتۇلمۇش: ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ئايىغىمۇ بار
باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ سىياسىي ئايىغىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.
538931
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، «سىياسىي ئايىغىمۇ بار، بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ تۈركىيەدە قايسى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ سىياسىي ئايىغى يوقتى؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى لازىم» دېدى.
باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، «جۇمھۇر رەئىسىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىچە بۇنچىلىك تەييارلىق قىلىشىپتۇ، شۇنداق باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ جەزمەن باشقا ئاياغلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى لازىم» دېدى.