«تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەزى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بەزى باش ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

537076
«تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەزى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن، كېيىنچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغان باش ئەلچىلەرنىڭ پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، «ئۇلارغا ھازىرغىچە ۋەزىپە بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇلار مەركەزدە ئىدى، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەنىدۇق. سىرتتىن چاقىرىپ كېلىدىغان تۆۋەن دەرىجىدىكى مەمۇرلارمۇ بار. بۇلارمۇ مىنىستىرلىقىمىزدىن چوقۇم يىراقلاشتۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر