ئەردوغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى سارايغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبەرلىنى سارايغا تەكلىپ قىلدى.

536576
ئەردوغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى سارايغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا تەكلىپ قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۈچ سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىنى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى ناھايىتى روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىش ۋە ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى مۇھاكىمە قىلىپ ئۇلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەتە (2016 – يىلى 25- ئىيۇل) سائەت 14:00 تە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر