ئەردوغان قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

536605
ئەردوغان قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جان لەيلانىڭ ئاتىسى ھەسەن ۋە ئانىسى سىبەل لەيلاغا، سەلچۇق قىلىچنىڭ ئاتىسى ئەنگىن ۋە ئانىسى ياسەمىن قىلىچقا، سەۋدا داغنىڭ يولدىشى ھاجى داغقا تېلېگرامما يوللاپ، ۋەقەدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەردوغان، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى، ئۇلارنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرىغا ۋە گېرمانىيەدىكى تۈرك جامائىتىگىمۇ تەزىيە بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى جواچىم گائۇكقىمۇ تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىغان، قوراللىق ھۇجۇمنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا بىگۇناھ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە يارىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇشىتىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا بۇ پەسكەشلەرچە ھۇجۇمنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزى ۋە ياندىكى كوچىلاردا كىشىلەر ئوققا تۇتۇلۇپ 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 27 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر