فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ۋە تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا 35 ساقلىقنى ساقلاش مۇئەسسەسەسى، 1229 فوندى جەمئىيەت، 19 ئۇيۇشما ۋە 15 فوندى جەمئىيەت ئالىي تېخنىكومى تاقالدى.

535815
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ۋە تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەقتە ماقۇللانغان قارارنامىگە ئاساسەن، گۇماندارلارنى ئەڭ يېقىن جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە يوللاش قاتارلىق مەجبۇرىي رەسمىيەتلەرنىڭ سىرتىدا، جىددىىي ھالەت داۋامىدىكى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋاقتى 30 كۈندىن ئاشمايدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىلغان گۇرۇھ ياكى گۇرۇپپىلارغا ئەزا بولغانلار ياكى ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن دۆلەت مەمۇرلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر