دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ئىشتىن بوشىتىلغانلارنىڭ سانى 45 مىڭ 484 كە يەتتى

15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ئىشتىن بوشىتىلغان دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ سانى 45 مىڭ 484 كە يەتتى.

535766
دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ئىشتىن بوشىتىلغانلارنىڭ سانى 45 مىڭ 484 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش دائىرىسىدە 954 كىشىنى ئىشتىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار 21 مىڭ 738 كىشى ئىشتىن بوشىتىلدى.

بىلىم، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 560، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 15، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرلىقىدا 559، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا 262 ھەربىي سوتچى ۋە تەپتىش، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىدا 21، تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 82 كىشى، 5 تەرەققىيات ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ باش كاتىپلىرى، دۆلەتلىك ھاۋا مەيدانلىرى باش ئىدارىسىدا 139، تاماكا ۋە ھاراق بازارلىرىنى كونىترول قىلىش ئورگىنىدا 8، تۇرالغۇ جاي جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدە 22، خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 62، سۈنئىي ھەمراھ سىملىق تېلېۋىزىيە ئورگىنى TÜRKSAT تا 29 كىشى ئىشتىن بوشىتىلدى.

ئىشتىن بوشىتىلغانلارنىڭ سانى قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 529 غا، ئورمانچىلىق ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 197 گە، ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ئورگىنىدا 170 كە يەتتى.

TRT دە 300، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئالىي كومىتېتىدا 29 مەمۇرنى ئىشتىن بوشىتىش قارار قىلىندى.

مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەرچىلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا 70 مەمۇر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر