«ھېچقانداق بىر كۈچ ئاللاھ ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن يۇغۇرۇلغان يۈرەكلەرگە تەڭ كېلەلمەيدۇ»

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ئاللاھ ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن يۇغۇرۇلغان يۈرەكلەرگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

535519
«ھېچقانداق بىر كۈچ ئاللاھ ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن يۇغۇرۇلغان يۈرەكلەرگە تەڭ كېلەلمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنكى بىرىنچى ھەپتىدە تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى بارلىق جامەلەردە يۇقىرىدىكى باشلىق ئاستىدا خۇتبە ئوقۇلدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ئەنقەرەدىكى كوجاتەپە جامەسىدە خاتىبلىق قىلدى ھەمدە خۇتبىسىدە مۇنداق دېدى: «ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، ھەممىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشىمىزغا، ئىتتىپاقلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ھېچقانداق بىر كۈچ ئاللاھ ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن يۇغۇرۇلغان يۈرەكلەرگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 15 – ئىيۇل كېچىسى ھەممىمىز تارىخىمىزدىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك، ئەڭ مۇسىبەتلىك ۋە ئەڭ زۇلمەتلىك كېچىلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈردۇق. ئۇلۇغ رەببىمىز ئەزىز خەلقىمىزنى پۈتۈنلەشكەن ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ھالدا مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلقىمىز مۇقەددەس ئامانىتىگە ساھىب چىقىپ، ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ سۈيىقەستىنى تارمار قىلدى.»

مەھمەت گۆرمەز خۇتبىدىن كېيىن، جۈمە نامىزىدىمۇ ئىمام بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر