تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاچقۇن ئەسكەرلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيەنىڭ ئاتىنا (ئافىنا) دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەرىم ئۇراس، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان ئەسكەرلەر توغرىسىدا توختالدى.

534217
تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاچقۇن ئەسكەرلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئاتىنا (ئافىنا) دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەرىم ئۇراس، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قېچىپ بېرىپ گىرېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 8 ئەسكەر توغرىسىدا گىرېتسىيەگە خىتاب قىلىپ، «ئەگەر (ئەسكەرلەر) قايتۇرۇپ بېرىلمىسە، بۇ ئىشنىڭ مۇناسىۋەتلەرگە پايدىسى بولمايدۇ» دېدى.

گىرېتسىيەدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە دائىر بىر ياخشى نىيەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن باش ئەلچى ئۇراس، تۈرك خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «بۇ ئادەملەر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ئوق چىقاردى، ئۆز خەلقىگە ئوق چىقاردى، سەپداشلىرىنى ئاتتى. بۇ بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بۇ ئادەملەر جىنايەت سادىر قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى ئۇراس، ئەسكەرلەرنىڭ تۈركىيەدە ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، گىرېتسىيەگە قاچقان 8 ئەسكەرنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى نەزەرگە ئېلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان فېرېدىك تۈرمىسىدىن كاۋالاغا يۆتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. مەزكەر ئەسكەرلەر دەدەئاغاچ جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىدە بىرىنچى قېتىم سەيشەنبە كۈنى سوتلانغان بولۇپ، ئادۋوكاتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سوت بۈگۈن (21- ئىيۇل) گە كېچىكتۈرۈلگەنىدى.

تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا گىرېتسىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ جىددىي قونۇش سىگنالى بەرگەن تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى ئەسكەرلەر، 16 – ئىيۇل شەنبە كۈنى دەدەئاغاچ شەھىرىگە قونغانىدى.

سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن مەزكۇر 8 ئەسكەر، قانۇنسىز يوللار بىلەن دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر