«تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز پىداكارلىقى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى مەغلۇب قىلدى»
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈركىيە خەلقىنىڭ تىللارغا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
534652
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن «‹ TRT Haber› قانىلى» دا TRT تەنتەربىيە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياشار تاشقىن قوچنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «ئەزىز خەلقىمىز مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى تارمار قىلىپ، تارىخنىڭ قاراڭغۇ ئازگاللىرىغا چۆرۈپ تاشلىدى ھەمدە مەيدانلارغا ئۇلارغا قارشى تۇرۇشنى كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىيە پائالىيەتلىرىگە ئايلاندۇردى، ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا بۇ تېررورىستلار چوقۇم تەلتۆكۈس يوقىتىلىدۇ» دېدى.