باش قوماندانلىق ئىشتابى: ھاكىمىيەت مىللەتنىڭدۇر

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى مەركىزىي بىناسىدىكى رەقەملىك دوسكىغا «ھاكىمىيەت مىللەتنىڭدۇر» دېگەن خەتنى چىقاردى.

533369
باش قوماندانلىق ئىشتابى: ھاكىمىيەت مىللەتنىڭدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى قارارگاھىدىكى رەقەملىك دوسكىغا «ھاكىمىيەت مىللەتنىڭدۇر» دېگەن خەتنى چىقاردى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى ئەسناسىدا باش قوماندانلىق ئىشتابى قارارگاھىنىڭ كونتروللۇقى قىسقا ۋاقىت ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەرەپدارى ئوفېتسىرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن، باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار ۋە بىر قىسىم قوماندانلار گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانىدى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن كېچىسى خەلقنىڭ تانكا ۋە قوراللارغا گەۋدىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ مۇددىئاسىغا يېتىشىنى توسۇپ قالغانىدى. باش قوماندانلىق ئىشتابى خەلقنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى ئۇچۇرى ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكارنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، باش قوماندانلىق ئىشتابى بىناسىدىكى رەقەملىك دوسكىغا تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەسىمى بىلەن «ھاكىمىيەت مىللەتنىڭدۇر» دېگەن چىقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر