تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 118 گېنېرال ۋە ئادمېرالنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە مىقياسىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 118 گېنېرال ۋە ئادمېرال نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

532783
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 118 گېنېرال ۋە ئادمېرالنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىقياسىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 118 گېنېرال ۋە ئادمېرال نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ھېلىھەم سوراق قىلىنماقتا، يەنە بىر قىسمى سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلدى.

ئىككىنچى ئوردۇ قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ئادەم ھۇدۇتى، ئىككىنچى ئارمىيە شتاب ئوفىتسېرى ۋە گارنىزون قوماندانى برىگادا گېنېرالى ئاۋنى ئانگۇن، يەتتىنچى ئانا ئۇرۇش ئايروپىلانى بازىسى قوماندانى برىگادا گېنېرالى ئەمىن ئايىك بىلەن ئىككىنچى ئارمىيە ئىدارە ئىشلىرى تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى برىگادا گېنېرالى مۇستاپا سەردار سەۋگىلى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سوراق قىلىنىشىدىن كېيىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۈستىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى قولغا چۈشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر