دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش باشلاندى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل كۈنىدىكى ھەربىي ئىسيانىدىن كېيىن، كۆپلىگەن دۆلەت ئورۇنلىرىدىكىگە ئوخشاشلا باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك تازىلاش باشلاندى.

532765
دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تازىلاش جەريانىدا 230 دوكلاتچى، 19 مۇتەخەسسىس، 6 مەسلىھەتچى، 2 قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولۇپ، جەمئىي 257 كىشى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، كىملىكلىرى تارتىۋېلىندى. بۇ كىشىلەردىن قولغا چۈشۈرۈلگەن كۆپ ساندىكى ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىياللار تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا يوللاندى.

ئېنېرگىيە بازارلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنىدىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار 25 كىشى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەركەز، يېزا – قىشلاقلار ۋە چەت ئەللەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 3 ۋىلايەت مۇپتىسى، 1 باشقارما باشلىقى، 1 ئىدارە مەسلىھەتچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 492 كىشى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

تۈنۈگۈنمۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش جەريانىدا مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 8 مىڭ 777 كىشى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر