تۈرك خەلقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى قانداق مەغلۇپ قىلدى؟

15-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشلىرىدا تۈرك خەلقىنىڭ كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ۋە بۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ مەغلۇبىيىتى.

532087
تۈرك خەلقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى قانداق مەغلۇپ قىلدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك خەلقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئۇرۇنۇشلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ ۋە بۇ سەھنىلەردىن خەۋەرداردۇر. 1960، 1971، 1980 ۋە 1997-يىللىرى يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىلىرى ۋە جاراھەتلىرى تۈرك خەلقىنىڭ ئېسىدە ھېلىھەم ئېنىق تۇرماقتا.

دۇنيا تارىخىدا بەلكىم تۇنجى قېتىم بىر مىللەت ئوخشىمىغان دىن، سىياسىي كۆز قاراش ۋە ئىجتىمائىي قاتلام كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى تارمار قىلىپ تىز پۈكتۈردى.

دۆلەتنىڭ تانكىسى ۋە قورالىنى خەلققە توغرىلىغان، دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن پۇقرالارنى بومباردىمان قىلغان ھەربىي كىيىم ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان خائىنلار خەلق ئالدىدا تەمتىردى.

15-ئىيۇل كېچىسى تۈرك مىللىتى: «ۋەتىنىمگە، بايرىقىمغا، ئاۋاز بېرىپ سايلىغان جۇمھۇر رەئىسىمگە، پارلامېنتىمغا ۋە پارلامېنت ۋەكىللىرىمگە، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقىمغا، دىنى ئېتىقادىمغا ۋە تۇرمۇش شەكلىمگە قول ئۇزارتالمەيسەن» دېگەن تەرىقىدە داستان يازدى.

بۇ يولدا جانىنى پىدا قىلغان 208 ۋەتەن پەرزەنتىنىڭ روھى شاد بولغاي، قېنى يەردە قالمىغاي.

خائىنلار گۇرۇھىنىڭ 16-ئىيۇل ئەتىگەندە قوزغاشنى پىلانلىغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قىلمىش پىلانى ئاشكارىلىنىپ قالغاچقا، پىلانىنى ئالدىغا تارتىپ 15-ئىيۇل كەچكە ئالدى، ئالدى ئېلىنمىغان بولسا، ناھايىتى چوڭ بىر پالاكەت تۈرك مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلەتتى.

ئويۇن، تۇزاق ۋە خائىن پىلاندىن مۇددەتتىن بۇرۇن خەۋەر ئېلىنغانلىقتىن، بۇ تۇزاق خەلققە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىلدۈرۈلۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ چاقىرىقى بىلەن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلق كوچىلارغا چىقىپ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلارغا قارشى تۇردى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىشارەتلىرى 15-ئىيۇل كەچ تەرەپلەردە ئەنقەرەدىكى ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدىكى داۋالغۇشلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدا قورال ئاۋازى ئاڭلاندى، بىر تىك ئۇچارنىڭ سىرتتا ئۇچۇپ يۈرۈشىگە قارىتا ئوق چىقىرىلدى. ئەنقەرە ئاسمىنىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سائەتلەپ ئۇچتى. ئايروپىلانلار ۋە ھەربىي تىك ئۇچارلاردىن نۇرغۇن مۇھىم ئورۇنلارغا ئوق چىقىرىلدى، بەزى ئورۇنلار بومباردىمان قىلىندى، خەلقنىڭ ئۈستىگە تانكىلار باستۇرۇلۇپ كەلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى، دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى ۋە ئالاھىدە ساقچى ھەرىكەت قىسىم مەركىزىي سائەتلەرچە بومباردىمان قىلىندى.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان خائىن ئەسكەرلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىندى. ئاتالمىش «جىددىي ھالەت ھاكىمىيەت خىتابنامىسى» نى ئىمزالاشنى رەت قىلغان گېنېرال ھۇلۇسى ئاكارنىڭ كەمەر بىلەن بوينى سىقىلدى ۋە بۇ خىتابنامە تۈرك قوراللىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. خىتابنامىدە ئارمىيەنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئوخشاش ۋاقىتتا، ئىستانبۇل بوغۇزئىچى ۋە فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكلىرى بىلەن ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى قاتارلىق مۇھىم يەرلەر بىر تۈركۈم ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى. تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت مۇ بىر تۈركۈم ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلار ت ر ت دە تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ، ئىشلەۋاتقان ت ر ت خادىملىرىغا تەھدىت سالدى. يالغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش خىتابنامىسى قورال كۈچى ئىشلىتىلىپ، مەجبۇرىي دىكتور خانىمغا ئوقۇتۇلدى. بىراق، تۈركىيە مىقياسىدا يۈز مىڭلارچە خەلق قوللىرىغا تۈرك بايراقلىرىنى ئېلىپ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغىچىلارغا جەڭ ئاچتى.

ھەققىي قوماندانلار ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان خائىنلارغا خىتاب قىلىپ: «ھەربىي بازىلارغا قايتىپ كېتىڭلار» دېدى.

خەلقنىڭ ياردىمى بىلەن، ت ر ت دىكى ھەربىي خائىنلاردىن بەزىلىرى تۇتقۇن قىلىندى، بەزىلىرى قاچتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ت ر ت دا تارقىتىش ئەسلىگە كەلدى.

دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشلىرىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. تاڭ ئاتقۇچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار، ھەربىي ھەرىكەت بىلەن قۇتقۇزۇلدى. بۇ ئارىلىقتا، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغۇچىلار ئىشغال قىلىۋالغان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمەت سىستېمىسىدىن «چوماقچى»قىسىملىرىغا ئەۋەتكەن جىددىي ھاكىمىيەت يوليۇرۇقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

يوليۇرۇقنامە 15-ئىيۇل سائەت 15:22دا، 3 سەھىپە ۋە 20 ماددا ھالىتىدە ئەۋەتىلدى. يوليۇرۇقنامە بويىچە بولغاندا، سائەت 03:00دا ھاكىمىيەت تارتىپ ئېلىنىپ، كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى سائەت 06:00دا باشلىناتتى.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تارماقلىرىدىن تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات سىستېمىسىغا كىرىپ ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش جىددىي ھالەت ھاكىمىيەت خىتابنامىسىگە ،«يۇرتتا تىنچلىق گۇرۇھى كاتتىبېشى گېنېرال مەھمەت پارتىكوچ بىلەن پولكوۋنىك جەمىل بۇرھان» ئىمزا قويغانىدى. بۇ خىتابنامىنىڭ قوشۇمچە بەتلىرىدە جىددىي ھالەت ھاكىمىيەت قوماندانلىرى، جىددىي ھالەت ھاكىمىيىتىنىڭ سوت مەھكىمىلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارنىڭ تىزىملىكى ۋە باشقا ئاتالمىش ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارنامىلىرى بار ئىدى. ئۇنداقتا خائىن بۇ قىلمىش نېمە ئۈچۈن 15-ئىيۇل كەچكە ئېلىندى؟

ناھايىتى يوشۇرۇن تۈزۈلگەن بۇ پىلان، ۋەتەنپەرۋەر بىر ئەسكەرنىڭ ساقچىغا تېلېفون قىلىپ، «ھەربىيلەر سەھەر ۋاقتىدا بازىلىرىدىن چىقىدۇ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ قەتلىئام ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن مەلۇماتى بىلەن پۈتۈنلەي بىتچىت بولدى.

سەھەردە قىلماقچى بولغان ھەربىي-سىياسىىي ئۆزگىرىش پىلانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ھەربىي گۇرۇھ، ئالدىراپ كېتىپ ئىشغالىيەت پىلانىنى ئالدىغا ئالدى.

پىلاندىكىدىن 8 سائەت ئىلگىرى ھەربىي بازىلاردىن چىققان خائىنلار، ساقچى ئىدارىلىرى، 1-ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ تەدبىرلىرى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسى بىلەن خەلق ئىرادىسىنىڭ دېموكراتىيەگە بولغان چوڭقۇر ئىشەنچىسى تۈرتكىسىدە تارمار قىلىندى.

ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوزغاپ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان گېنېرال سەمىھ تەرزى، قوماندانلىقتىكى بىر ئوفىتسېر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئوفىتسېر بولسا، گېنېرال تەرزىنىڭ قېشىدىكى خائىنلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى.

ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى قوماندانلىقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا نازارت ئاستىغا ئېلىنىپ سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان بەزى ئەسكەرلەر، جۇمھۇر رەئىسلىك مۇھاپىزەتچى قىسىمى سېپىدە تەشكىللىنىپ بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. قولغا ئېلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: «15-ئىيۇلدا ئەسكەرلەر ھەربىي-مانىۋېر باھانىسى بىلەن، جۇمھۇر رەئىسلىك مۇھاپىزەتچى قىسىمى مەركىزىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ جايدا ئەسكەرلەرگە قورال-ياراغ تارقىتىپ بېرىلدى.»

ھەممىگە مەلۇملۇق بولغان بىر رىئاللىق بار بولۇپ، ھازىرغىچە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى گۇرۇھ ۋە چوماقچىلىرىدىن باشقا ھىچكىم بۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەردىن پايدا ئېلىپ باقمىدى. ئۆتمۈشتە ھاكىمىيەتنىڭ ھەربىيلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشىنى قوللىغان كىشىلەرمۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ زىيانلىرىدىن نىسىۋىسىنى ئالدى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە سەۋەب بولدى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى خوراتتى، كېلەچىكىنى يوق قىلدى.

بۇ سەۋەبتىن، ئارمىيە سېپىدە تۈركىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپتىىدە قوبۇل قىلىنغان فەتھۇللاھ گۈلەن باشچىلىقىدىكى «گۈلەن ھەرىكىتى» گە باغلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بىر گۇرۇھ، دېموكراتىك يوللار ۋاستىسى بىلەن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغاندا، پارلامېنتتىكى بارلىق پارتىيەلەر بىلەن پۈتكۈل خەلق بۇنىڭغا قارشى چىقتى.

«ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىقىش تۈركىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىكى سىياسىي قۇتۇپلىشىشنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، 15-ئىيۇل تۈركىيەگە نىسبەتەن ۋەتەن، خەلق ۋە مىللەت بىرلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نادىر سىمۋوللاردىن بىرى بولدى.»

زۇلمەتلىك بىر كېچە ئىدى، بىراق تۈركىيەدە دېموكراتىيە نامىغا يېڭى ۋە پارلاق بىر ئەتىگەنمۇ روياپقا چىقتى.

بۇ كېچە زۇلمەتلىك ئىدى، چۈنكى ھەممە بىر-بىرىگە باغلىق بولغان، ھەممە نەرسە ھەممىگە بەش قولدەك ئايان بولۇپ تۇرىدىغان كۈنىمىز دۇنياسىدىمۇ بىر گۇرۇھ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى بومباردىمان قىلىپ، تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، پۇقرالار بىلەن دۆلەت مەسئۇللىرىنى قەتلى قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى تۈركىيە تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ئىشتۇر.

بۇ قېتىم مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشلىرى ئۈچۈن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئىبارىسىنى ئىشلىتىشىمىز، مەسىلىنى ئىزاھلاش نۇقتىسىدىن پايدىلىقتۇر. ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەنلەر بۇنىڭدىن ئېغىر ۋە كەڭ دائىرلىك بولۇپ، 15-ئىيۇلدا يۈز بەرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، تۈركىيە ئۆتمۈشتە شاھىت بولغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرشلەردىن پەرقلىق. چۈنكى 15-ئىيۇلدىكى ۋەقەلەر ئېنىق نىشاندىن بەكرەك ئالدىغا چىققاننى نىشانغا ئېلىپ، ۋەھىمىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بىر گۇرۇھ تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېررورلۇق قىلمىشىغا ئوخشايتتى. قىسقىسى، نۇرغۇن كىشى يېقىن-يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز-قاراشلارغا ئىگە كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرغان بولسا، پارلامېنتتىكى پارتىيەلەرمۇ بۇ ۋەقەلەرگە قارشى تۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقنى بۇ «ئىشغالىيەتچىلەر» ئالدىدا تىز پۈككمەسلىككە ۋە دېموكراتىيەگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى. خەلق بىر يۈرەك ۋە بىر ئاۋاز بولۇپ بۇنىڭغا دەرھال ئاۋاز قوشتى. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا  24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلدى.

بۇ قېتىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشلىرى ئوخشاشلا گۈلەنچىلەرنىڭ تەھدىتىنى نامايەن قىلىپ بەردى، تۈركىيەدىكى بۇ گۇرۇھ ،دېموكراتىيە، سىياسەت ۋە خەلققە تەھدىت سالىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى «يانداش دۆلەت»دەپ تەرىپلەندى، بۇ قېتىم بۇ گۇرۇھنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارىلاندى، يەنى ئەپتى-بەشرىسى تولۇق ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشلىرىدىن ئورۇن ئالغۇچىلار خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگىلا ئەمەس، قانۇنلۇق ھۆكۈمران كۈچلەرگىمۇ قارشى چىققان بولدى، ئارمىيە سېپىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ كۈچلەرنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.

15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرنۇشلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا رول ئوينىغان مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى 2016-يىلى 1-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي ھەربىي كېڭىشىدۇر. دەرۋەقە، كېڭەشتە ئارمىيە سېپىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلىرىدا زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە گۈلەنچىلەرنىڭ تازىلىنىدىغانلىقى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىدى.

بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا، سوتنىڭ ھەربىىي سەپتىكى گۈلەنچى قانىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كۈنتەرتىپتە ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ گۇرۇھ ئالدىراپ كېتىپ، بۇ خاتا پىلانلانغان ھەربىىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە خاراكتېرى مەسىلىسىدە ئالدىراپ قارار بەرگەن بولسا كېرەك.

نۆۋەتتە دۆلەت گۈلەن گۇرۇھىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاشتا قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرى بىلەن سىياسەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئارزۇسى مۇشۇنداق.

نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ قولىدا بۇ تۇزاقنى مىللىي بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇرەسسە ئۈچۈن ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىش پۇرسىتى بار، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشتا ھەم ئىجتىمائىي ھەمدە سىياسىي پىكىر بىرلىكى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەتكە تولىمۇ پايدىلىق.

تۈركىيە قوراللىق ئارمىيەسى سېپىدىكى فەتھۇللاھ گۈلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بىر تۈركۈم خائىن ئوفىتسېرلار تەرىپىدىن قوزغىتىلغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن تەخمىنەن 22 سائەتتە بېسىىقتۇرۇلدى. بۇ ۋەقەدىن مۇنداق ئىككى ساۋاق چىقتى. بىرىنچىسى، خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئىككىنچىسى، خەلقنى ۋە ئۇنىڭ پارلامېنتىنى بومباردىمان قىلىدىغانلارنىڭ نامىنىڭ «تۈرك ئەسكىرى» بولالمايدىغانلىقى رىئاللىقىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر