پۇتىن، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

531159
پۇتىن، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەرتىپ – ئىنتىزام ۋە مۇقىملىقنىڭ قايتىدىن تەسىس قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «تۈركىيەدە بۇ خىل ئاساسىي قانۇنغا زىت ھەرىكەتلەر بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدىكى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تۈرك خەلقىگە تەسەللىي بەردى.

ئىككى رەھبەر ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر