«ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلار تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى يانداشلىرىنىڭ چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

530402
«ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلار تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، كەڭ خەلق ئاممىسىنى مەيدانلارغا چىقىپ، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەسببۇس قىلغانلارغا قارشى چىقىشقا چاقىرىق قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى يانداشلىرىغا چوقۇم تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ باش قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلچە خەۋىرى بولمىغان بۇ تەشەبىۇسنىڭ جازاسىز قالالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئادالەت ئالدىدا بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم زەنجىرسىمان بۇيرۇق چۈشۈرۈش – بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش رامكىسى سىرتىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز خەلقىمىز شۇنى بىلىشى كېرەككى، دېموكراتىيەگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق بىر پائالىيەتكە ئەسلا يول قويۇلمايدۇ. خەلق تەرىپىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىمۇ يەنىلا خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ. بۇنداق قالايمىقان تەشەببۇستا بولغۇچىلار چوقۇم ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. خەلقىمىز بۇنداق ھەرىكەتلەرنى جىمىقتۇرىدىغانلىقىمىزنى ياخشى بىلىشى كېرەك، قىلچە ئەندىشە قىلماسلىقى لازىم.»

كەڭ خەلق ئاممىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، كوچىلارغا چىقىپ، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارغا لەنەت ياغدۇرۇپ، دېموكراتىيەگە ساھىب چىقتى، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.

قورال كۈچى بىلەن قانۇنسىز باياننامە ئوقۇتۇلغان TRT نىڭ نورمال تارقىتىش – ئاڭلىتىش پىروگراممىلىرىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ TRT بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، ۋەزىيەتنى كونىترول ئاستىغا ئېلىشىدىن كېيىنلا ئاندىن ئىزىغا چۈشتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان پارلامېنت ئەزالىرىنى جىددىي يىغىلىشقا چاقىردى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى بايانات ئېلان قىلىپ، «خەلقىمىزنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىمىز، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر